ئەزەربەيجان قاراباغقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ جىددىي  ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى رايونغا قاراپ يولغا چىقتى.

2040846
ئەزەربەيجان قاراباغقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تىنچلىق سۆھبىتىدە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىمۇ كەنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئەزەربەيجاندىن رايوندىكى ئەرمەنلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ تەلەپكە ئاساسەن، ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەييارلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 2 يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن 2 ماشىنا ئاغدام شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

40 توننا يېمەكلىك  تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە نان قاتارلىقلار بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاغدام شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئەرمەن ئاھالىسى تۇرىدىغان خانكەندى شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى رايوندىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاراباغ رايونى ۋالىيسى مىرئەلى فېۋزىيېۋ قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىملەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر