ئىران ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ قاراباغدىكى كېلىشىمىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنانى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بىلەن قاراباغدا ياشايدىغان ئەرمېنىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن ئىراننىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسانغاندا، ناسىر كەنانى قاراباغدىكى كېلىشىمگە قارىتا بايانات ئېلان قىلغان.
كەنانى: «ئىران ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بىلەن قاراباغدا ياشايدىغان ئەرمېنىيە ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا بۇ رايوندىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇشاللىق ھېس قىلدى. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دائىرىسىدە، مەسىلىلەرنىڭ دىيەلوگ ۋە تىنچلىقنى ئاساس قىلغان مېخانىزملارغا مەركەزلىشىشى ئۈمىد قىلىنماقتىدۇر» دېدى.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 19-سېنتەبىردە قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.
قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى 24 سائەت داۋاملاشقان ھەرىكەتتىن كېيىن قورال تاشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئالاھىدە قىسىملىرى ئەزەربەيجاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.