ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان خەلقىگە خىتاب قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا ئەزەربەيجان خەلقىگە خىتاب قىلدى.

2040318
ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان خەلقىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا  ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، قاراباغدا ياشاۋاتقان ئەرمېنىيە نوپۇسى پات يېقىندا تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشىدۇ.»

ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدا قوزغىغان ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئارقىلىق ئاخىرلاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئەزەربەيجان خەلقىگە خىتاب قىلدى.

ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتىلىشى سەۋەبىدىن 6 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 - قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن 300 دىن ئارتۇق ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ مىنا سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەلىيېۋ لاچىن رايونىدا چېگرا كونترول فونكىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەرمېنىيەدىن قاراباغقا مىنالار كەلتۈرۈلۈپ، ھەر خىل جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مىنالار 2021-يىلى ئەرمېنىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇمۇ مىنالارنىڭ 2-قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن  ئەزەربەيجانغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەزەربەيجان دەرھال زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۈشمەنگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى داۋامىدا بارلىق نىشانلارغا پەقەت بىر كۈندىلا يېتىلدى، بۇ دائىرىدە تېررورچىلار جازالاندى. ئەزەربەيجان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تىكلىدى.»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە نوپۇسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى بارلىق ئەسكەرلەرگە ئەستايىدىل يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.»

ئىلھام ئەلىيېۋ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىنىڭ توختىتىشى ئۈچۈن ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تاشلىشى، قورالسىزلىنىشى ۋە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەلىيېۋ قاراباغدىكى ئەرمەنلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، دىنىي ۋە شەھەر باشلىقى سايلىمى قاتارلىق بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجاندا دىنىي ۋە مىللىي كەمسىتىش يوقتۇر، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر