ئەلىيېۋ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2039845
ئەلىيېۋ بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەلىيېۋ بلىنكېنغا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قوزغىغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئەلىيېۋ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئايلاردىكى ئىغۋاگەرچىلىكى، ئاتالمىش ​​ھاكىمىيەتنىڭ «پىرېزىدېنت سايلىمى» ھەققىدە توختالغان، ھەمدە ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايوندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالار ۋە ئۇل ئەسلىھە مۇئەسسەسەلىرىگە چېقىلمىغانلىقىنى، پەقەت قانۇنلۇق ھەربىي نىشانلارنىلا ۋەيران قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەلىيېۋ قايتا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا ياشايدىغان ئەرمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى   قايتا-قايتا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەكلىپلەرنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى داۋام قىلىۋاتقاندىمۇ دىيالوگ ئورنىتىش تەكلىپىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى قورال تاپشۇرغان ۋە قورالسىزلاندۇرۇلغاندىنلا ئاندىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر