ئەرمېنىيەگە تەۋە  تىزگىنەكلىك رازۋېدكا ئاپىراتى قولغا چۈشۈرۈلدى

ئەزەربەيجان بازىلىرىنى رازۋېدكا قىلىش ئۈچۈن ئۇچقان ئەرمېنىيەگە تەۋە   تىزگىنەكلىك ئاپىرات قولغا چۈشۈرۈلدى.

2038316
ئەرمېنىيەگە تەۋە  تىزگىنەكلىك رازۋېدكا ئاپىراتى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىغا تەۋە تىزگىنەكلىك ئاپىراتنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بازىلىرىنى رازۋېدكا قىلىش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «پاشالى ناھىيەسىگە قاراشلىق سۇلتانبەي ئولتۇراق رايونى يۆنىلىشىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىم قىسىملىرىغا تەۋە تىزگىنەكلىك ئاپىرات، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە تەۋە ناھچىۋان ئاپتونوم رايونى شاھبۇز ناھىيەسىگە قاراشلىق ئولتۇراق رايون يۆنىلىشىدىكى ھەربىي ئىستىھكاملارنى رازۋېدكا قىلىشقا ئۇرۇندى» دېيىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى بايقىغان تۆت چاسا تىزگىنەكلىك ئاپىراتنىڭ ئالاھىدە تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر