ئەلىيېۋ دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەزىل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى.

2011758
ئەلىيېۋ دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ مەكتۇپىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە پىلاننىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى قىيىن سىناقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەلىيېۋ، بۇ سىناقتىن قەددىنى تىك تۇتۇپ ئۆتكەن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەۋرەنمەسلىكىنى، قەيسەرلىكىنى، دۆلەت ۋە دېموكراتىيەگە بولغان ساداقىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاشۇ قىيىن كۈندە مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ ئىرادىسى تۈرتكىسىدە، شېھىتلەرنىڭ قانلىرى ۋە ھاياتلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى، تەڭداشسىز كۈرەش قىلىش روھىنى ۋە يېڭىلمەسلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەمكارلىق ۋە مىللىي ئىتتىپاقنىڭ سىمۋولى بولغان <دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاق كۈنى> تۈركىيە دۆلىتى تارىخىدا ئۇلۇغ شەرەپ كۈنى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھەقىقىي قەھرىمانلىق داستانى يېزىلغان شۇ كۈنى قېرىنداش تۈرك خەلقىنىڭ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، رەزىل پىلاننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈركىيەنى ئېغىر پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەلىيېۋ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەزەربەيجان خەلقى ۋە دۆلىتى دەسلەپكى دەقىقىلەردىن باشلاپلا بۇ كۈرەشتە قېرىنداش تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقى بىلەن بىللە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغان ساتقۇنلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بىز بۇ ۋەقەلەردىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا چىققان تۈرك مىللىتىنىڭ غەلىبىسىنى غەلىبىمىز، خۇشاللىقىنى خۇشاللىقىمىز، قايغۇسىنى قايغۇمىز دەپ بىلدۇق ۋە بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدۇق.

بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز بولغان تەۋرەنمەس ئەزەربەيجان- تۈركىيە قېرىنداشلىقىنى، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقىمىزنى ساقلاپ، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىقىمىزنى ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر