دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوسمانلى بارابانچىلار بىرلەشمىسى قازاقىستاندا كونسېرت بەردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوسمانلى بارابانچىلار بىرلەشمىسى قازاقىستاندا يەتتە دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇزىكا ئەترەتلىرى بىلەن كونسېرت بەردى.

2008948
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوسمانلى بارابانچىلار بىرلەشمىسى قازاقىستاندا كونسېرت بەردى
msb mehteran birligi.jpg
kazakistan askeri bandolar konser.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن پايتەخت ئاستانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ يىل (2023) تۇنجى قېتىملىقى ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ھەربىي مۇزىكا ئەترىتى فېستىۋالى» يېپىلىش كونسېرتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئاستانادىكى بارىس-ئارېنا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالنىڭ يېپىلىش كونسېرتىغا، قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەلىخان ئىسمائىلوۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان جاكسىلىكوۋمۇ قاتناشتى.

قازاقىستان، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، خىتاي، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مۇزىكا ئەترەتلىرى سەھنىگە چىققان كونسېرتنى تەخمىنەن 7 مىڭ كىشى كۆردى.

كونسېرتتا ئۆز دۆلەتلىرىگە خاس فورما كىيگەن ھەربىي مۇزىكا ئەترەتلىرى ھەربىي مۇزىكا ۋە كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئورۇنلىدى.

فېستىۋالدا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوسمانلى بارابانچىلار ئەترىتى تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى.

ئوسمانلى بارابانچى ئەترىتىنىڭ جانلىق ۋە نەتىجىرەڭدار نومۇرلىرى قازاقىستانلىق تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر