ئىسرائىلىيە بىلەن  ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىجابيي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ ئەزەربەيجاندىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1993419
ئىسرائىلىيە بىلەن  ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىجابيي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ ھېرزوگنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئەلىيېۋ بىلەن ھېرزوگ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا  سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشتا، ھېرزوگنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ھېرزوگنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي ھەرىكەتلىنىشكە شاھىت بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «گەرچە بىز سودا، ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى بىرلىكتە قىلىۋاتقان بولساقمۇ، يەنىلا چوڭ ئىمكان، شارائىتلىرىمىزنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. ئەزەربەيجان زىيارىتىڭىزنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زىيارەت دەپ قارايمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت ھېرزوگمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئاساسى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ (زىيارەت) خەلقلىرىمىزگە قارىتا كۆپ قاتلاملىق ئۇچۇر بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. بىرىنچىدىن يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار بىرلىكتە تىنچلىققا قاراپ قەدەم باسسا، ئوچۇق سۆھبەتلىشىشنى باشلىسا ۋە دۇنيانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى  قىلسا، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدۇر. ئىككىنچىدىن  مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتۇر، چۈنكى بىز تىنچلىق، باياشاتلىق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىن پۈتكۈل رايونغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېتىمەن ۋە سىزنىمۇ ئىسرائىلىيەدە مېھمان قىلىشنى سەۋرسىزلىق بىلەن كۈتىمەن» دېدى.

ئۇچرىشىش دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا «2023-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە ھەمكارلىق پىلانى» ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر