ئۆزبېكىستان - قىرغىزىستان چېگراسىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدىكى بىر ئۆتۈشمە نۇقتىسىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

1993478
ئۆزبېكىستان - قىرغىزىستان چېگراسىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان (ئەنجان) ۋە قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ئورتاق چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان بەگئاباد - خانئاباد چېگرا ئېغىزىدا ياسالغان سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

بۇ سېپىل 2010-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتۈشمە نۇقتىسىنى تاقاش ئۈچۈن ياسالغانىدى.

قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2010 – يىلى مەزكۇر چېگرا ئېغىزىدىن سىرت يەنە، «قاراسۇ» ۋە قاراباغىش» چېگرا ئېغىزىلىرىمۇ ئۆزئارا ئۆتۈشۈشكە تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، تەرەپلەر  چېگرا ئېغىزلىرىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ 2016 – يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا باشلىغان ئۆزبېكىستان  قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى  تاقىلىپ قالغان چېگرا ئېغىزلىرىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن، بۇ دائىرىدە، چېگرا ئېغىزلىرى قايتىدىن ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر