ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك ھۇجۇمىدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇھەممەد گارايېۋ ئىسىملىك بىر ئەسكىرى شېھىت بولغان.
ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى چېگرانىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول ئاستىغا ئالغان.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان چېگراسىدا ئۇدا ئۈچ كۈندىن بۇيان توقۇنۇشلار ۋە ۋە جىددىيچىلىكلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.
10 – ماي كۈنى، زود رايونى يۆنىلىشىدىكى ئەرمېنىيە ھەربىي نۇقتىلىرىدىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى ئوققا تۇتۇلغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولغان، بىر ئەسكىرى ئېغىر يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.