شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراش رايونىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى بىر مىليونغا يەتتى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2020 – يىلى ئۆكتەبىردە تەدرىجىي ئېچىۋېتىش جەريانى باشلانغان غازى ماگۇسا ناھىيەسى ماراش رايونىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى بىر مىليونغا يەتتى.

1978043
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراش رايونىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانى بىر مىليونغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ماراشنىڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ بىر مىليونغا يەتكەنلىكىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، رايوننىڭ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى، ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 2000 ساياھەتچى زىيارەت قىلىدىغان ماراشنىڭ غازى ماگۇسانىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماراشنى ئېچىۋېتىش مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى تىلغا ئالغان تاتار، ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.

ماراشنىڭ غازى ماگۇسا ناھىيەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن تاتار: «بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ماراشتىكى يېڭى رايونلارنىڭ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ماراشتا ئىجتىمائىي تۇرالغۇ تۈرىنى يولغا قويۇش پىلانى بار. شۇڭا، بۇ رايونغا بولغان قىزىقىش داۋاملىق كۈچەيمەكتە. بىز بۇ رايوننىڭ دۆلەتنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر