ئەزەربەيجان بۈيۈك قۇرتۇلۇش پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئەزەربەيجان بۈيۈك قۇرتۇلۇش پارتىيەسى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فازىل مۇستاپا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلاندى.

1966589
ئەزەربەيجان بۈيۈك قۇرتۇلۇش پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىس بايانات ئېلان قىلىپ، فازىل مۇستاپانىڭ باكۇنىڭ سابۇنچۇ ناھىيەسىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان رايونلۇق تېببىي ئورۇنلارنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان مۇستاپانىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر