تۈركىيە قېرىنداش تۈركمەنىستان خەلقىنىڭ سايلىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركمەنىستان خەلقىگە خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1965438
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «تۈركمەنىستاندا 2023 - يىلى 26 - مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك كەيپىياتىدا تاماملانغانلىقىدىن خۇشال بولدۇق. دوست ۋە قېرىنداش تۈركمەنىستاننىڭ مۇقىملىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىمىز ھەمدە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركمەنىستان خەلقىگە خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.