قازاقىستان سايلاملىرىنىڭ تۇنجى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ۋە يەرلىك پارلامېنت سايلاملىرىدا، ئالتە پارتىيە پالاتاغا كىردى.

1962167
قازاقىستان سايلاملىرىنىڭ تۇنجى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ۋە يەرلىك پارلامېنت سايلاملىرىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، سايلامغا قاتناشقان يەتتە سىياسىي پارتىيەدىن ئالتىسى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىغا كىرىش تەلەپ قىلىنغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.

قازاقىستاندىكى سايلام توغرىسىدا راي سىناشنىڭ تۇنجى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

ياۋرو-ئاسىيا بىر گەۋدىلىشىش ئىنستىتۇتى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامانات پارتىيەسى %53.46 بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئاۋۇل (يېزا) خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى %10.52 بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتناشقان رېسپۇبلىكا پارتىيەسى %8.9 بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا بولغان. سايلامدا ئاق جول دېموكراتىك پارتىيەسى %7.87، قازاقىستان خەلق پارتىيەسى %6.25، ئىجتىمائىي سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى %5.31 ، بايتاك پارتىيەسى %3.22 ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن، سايلامغا قاتناشقان يەتتە پارتىيەدىن ئالتىسى پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.

سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى 10 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىدۇ.

قازاقىستان خەلقى 19-مارت بېلەت تاشلاپ، پارلامېنت ۋە يەرلىك پارلامېنتلاردا بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىدى. سايلام بېلەتلىرىنى ساناش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %54.19 دەپ ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر