ئاستانادا ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

1953088
ئاستانادا ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركمەنىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى 30 نەچچە يىللىق ھەمكارلىقنىڭ داۋاملشىۋاتقانلىقىنىڭ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغانلىقىدىن باشقا يەنە، تۈركمەنىستان بىلەن رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گۈللىنىشى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دېموكراتىك قىممەت قارىشى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرەدوۋمۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش تېمىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن كاتتا پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتقان.

مەرەدوۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك مەسلىھەت مېخانىزمىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا بۇ خىل مۇزاكىرىلەرنىڭ پات يېقىندا قايتا ئۆتكۈزۈۈىشى ئۈچۈن ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى تەپسىلىي مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر