ئەزەربەيجاندا ئىران جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى
ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ئىران جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ھەرىلەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1940316
![ئەزەربەيجاندا ئىران جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d093/55d3/9477/63d91bd99275d.jpg?time=1722047062)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت باكۇ ۋە باشقا رايونلاردا بىر قاتار تەشكىلات ۋە شىركەتلەردە تىنىتىش ئېلىپ بېرىلغان.
بىلدۈرۈلىشىچە، تىنىتىش ئېلىپ بېرىلغان تەشكىلاتلار ئارىسىدا، «سالام نىيۇس» خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن «ئىنتېراز» تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ بار بولۇپ، يەتتە كىشى تۇتۇلغان.
ئەزەربەيجاننىڭ ئىران پايتەختى تېھراندىكى ئەلچىخانىسى 27-يانۋار (2023) قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنىڭ باشلىقى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى ئامانلىق قوغداش خادىمى يارىلانغان ئىدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، بارلىق ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى باكۇغا قايتقان ئىدى.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىي قالمىغان ئەھۋالدا ئىرانغا بارماسلىقىنى، بارغانلارنىڭ ئىنتايىن دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/836c/9f46/efc8/66a09856eda73.jpg?time=1722047062)
جەلالئاباد ۋە ئوشتا كەلكۈن يۈز بەردى
قىرغىزىستاننىڭ جەلالئاباد رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى.