تۈركمەنىستان پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا
تۈركمەنىستاندا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىقى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش ئىشلىرىنىڭ 24-فېۋرالغىچە (2023) داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
1938649
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىقى ئۈچۈن 24-فېۋرالغىچە ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدىكەن.
تۈركمەنىستان سايلام قانۇنى بويىچە، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭلا نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.
تۈركمەنىستان ئاساسىي قانۇنىدا بەش يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم 26-مارتتا (2023) ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.