تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ تاشكەنتتە پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى، باش ئەلچى كۇبانىچېك ئۆمۈرئالىيېۋنى قوبۇل قىلدى.

1937747
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ تاشكەنتتە پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تاشكەنتتە چاقىرىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدىكى مۇھىم نىشان ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۆمۈرئالىيېۋنىڭ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان 11-نويابىر (2022) ئۆزبېكىستاندا چاقىرىلغان سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، يىغىندا تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى خاتىرىلىتپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۆمۈرئالىيېۋ ئۇچرىشىشتا يەنە، تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر