شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە مەھەللىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۈنۈگۈن (2022-يىلى 25-دېكابىر) ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىي سايلامنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى.
1923517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىي سايلاملارنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى يەتتە، مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى ئالتە، مۇستەقىل نامزاتلار ئۈچ، دېموكرات پارتىيە بىر، خەلقچىل دېموكراتىيە پارتىيەسى بىر شەھەردە غەلىبە قىلغان.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى، دېموكرات پارتىيە ۋە يېڭىدىن تۇغۇش پارتىيەسى بىرلەشكەن ھالدا سايلامغا قاتناشقان بولۇپ، مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى ئالتە شەھەردە، دېموكرات پارتىيە بىر شەھەردە ۋە ئۇلارنى قوللىغان بىر مۇستەقىل نامزات بىر شەھەردە غەلىبە قىلغان.
ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى يەتتە شەھەردە غەلبە قىلغان بولۇپ، پايتەخت لەفكوشادا ئىككى نۆۋەت شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان خەلقچىل دېموكرات پارتىيەسىدىن مەھمەت ھارمانجى قايتا سايلاندى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سايلام كېڭىشى تىزىمغا ئېلىنغان 208 مىڭ 236 سايلىغۇچىنىڭ 18 شەھەر باشلىقى، 220 شەھەرلىك پارلامنېت ئەزاسى، 240 مەھەللە كومىتېتى باشلىقى ۋە 960 ئاقساقاللار ھەيئىتىنى سايلاش ئۈچۈن 768 سايلام ساندۇقىغا ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا %68.85 بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ نەتىجە بويىچە بولغاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىدە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي رايونى ھېسابلىنىدىغان ئالتە ناھىيەدىن ئۈچىدە جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى، ئىككىسىدە مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى، بىرىدە خەلقچىل دېموكرات پارتىيە غەلىبە قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.