ئەردوغان سادىر جاپپاروۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1915624
ئەردوغان سادىر جاپپاروۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەبرىكنامىسىدا قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئورتاق تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك شېرىك سەۋىيەسىگە يەتكۈزلگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەمبەھىرلەندى.

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش قىرغىزىستان بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رامكىسىدا كۆپ تەرەپلىك، ئۆزئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنىڭ بارلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىققا تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرىدا، «قېرىنداش خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىشىنى تىلەيمەن» دېيىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر