تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى ئەزەربەيجاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1914746
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى رامكىسىدا تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ باكۇ، ئاستارا، جەبرائىل ۋە ئىمىشلى قاتارلىق ۋىلايەتلەردە مانېۋىر باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانېۋىردا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسى، ئالاھىدە قىسىم، ئىستېھكام ئەترەتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئەترەتلىرى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىماقتا.

زامانىۋى ئۇرۇش ئۇسۇللىرى ئىجرا قىلىنغان بۇ قېتىمقى مانېۋىردا، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ماسلىشىشچان پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، دەريادىن ئۆتۈش ئۈچۈن پونتون كۆۋرۈكى ئورنىتىش ۋە مودېل دۈشمەن رايونىغا قونۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئورۇندالماقتا.

بىرلەشمە مانېۋىردا، قىسىملارنىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى ماسلىشىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر