قىرغىزىستان ئاقساقاللار كېڭىشى چەت ئەللەردىكى قىرغىزلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى

قىرغىزىستان ئاقساقاللار كېڭىشى ھۆكۈمەتتىن چەت ئەللەردىكى قىرغىزلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

1912875
قىرغىزىستان ئاقساقاللار كېڭىشى چەت ئەللەردىكى قىرغىزلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ 25 - نويابىردىن 26 - نويابىرگىچە (2022) پايتەخت بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن 1 -  نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.

ئاقساقاللار كېڭىشى ئەزالىرى 1 -  نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللەش ئارقىلىق سىياسىي ئىرادىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋغا رەھمەت ئېيتتى.

ئاقساقاللار كېڭىشى ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە 2050 -  يىللىق نىشاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات پىروگراممىسىنى تۈزۈش تەكلىپىدە بولدى ۋە بۇ پىروگرامما دائىرىسىدە كۆچمەن قىرغىزلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

رەسمىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 7 مىليون نوپۇسى بولغان قىرغىزىستان پۇقرالىرىدىن 600 مىڭدىن كۆپرەك كىشى رۇسىيەدە، 30 مىڭغا يېقىن كىشى قازاقىستاندا ۋە 30 مىڭغا يېقىن كىشى تۈركىيەدە كۆچمەن سۈپىتىدە ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر