ئۇكرائىنادىن يولغا چىققان 88 نەپەر ئاھىسكا تۈركى ساق سالامەت تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا شىددەتلىك توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان ھېرسون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاھىسكا تۈركلىرىدىن 88 كىشى سارپ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھېرسوندىن چىقىرىلغان 84 نەپەر ئاھىسكا تۈركى رۇسىيەدىن چىقىپ گرۇزىيەگە يېتىپ كەلگەن.
سەپەر جەريانىدا، 84 نەپەر ئاھىسكا تۈركىگە ئىلگىرى رۈسىيەگە بېرىپ بولغان يەنە 4 نەپەر ئاھىسكە تۈركى قوشۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 88 گە يەتكەن.
ئاھىسكا تۈركلىرىنى گرۇزىيەدىن چىققاندىن كېيىن، سارپ چېگرا ئېغىزىدا ھوپا ۋالىيسى ۋە سارپ مەمۇرىي ئەمەلدارى گۇرقان ئۈچىنچى، رايونلۇق تاموژنا ۋە تاشقى سودا دېرىكتورى رەجەپ بىلگىن بىلەن ئارتۋىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى دېرىكتورى ئەمرە جانپولات گۈل – چېچەك ۋە تۈرك بايراقلىرى بىلەن قارشى ئالغان.
ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ كېيىن قۇرۇقلۇق بىلەن ئەلازىغقا كېلىشى كۈتۈلمەكتە.
كۆپىنچىسى ياشانغانلار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 88 نەپەر ئاھىسكا تۈركى، رۇسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىش مەقسىتىدە 31 - ئۆكتەبىر ھېرسوندىن يولغا چىققان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.