تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى سەمەرقەنتتە باشلاندى
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخىي سەمەرقەنت شەھىرىدە باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا، رەھبەرلەر «تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن يېڭى دەۋر: ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش يولىدا» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەبەدىي شەھەر» قۇرۇلتاي مەركىزىنىڭ ئالدىدا مىرزايېۋ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
قۇرۇلتاي مەركىزىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تۈركمەنىستان دۆلەتلىك خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، سابىق تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان قاتارلىقلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى قۇبانىچبېك ئۆمۈرئەلىيېۋنى تەشكىلاتنىڭ يېڭى باش كاتىپلىقىغا سايلىدى.
ئۆمۈرئەلىيېۋ 14 – نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىباتلىق ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا، باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئالدىنقى باش كاتىپ باغداد ئەمرېيېۋدىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.