شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ،شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1905152
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر فوتو سۈرەتنىمۇ ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر