باغداد ئامرېيېۋ ئەردوغاننىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1900210
باغداد ئامرېيېۋ ئەردوغاننىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ: «يېقىنقى 20 يىلدا تۈركىيەنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۇنى ئۆز رايونىنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىمۇ بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى» دېدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك تۈرك مېدىتسىنا دۇنياسى قۇرۇلتىيىدىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «يېقىنقى 20 يىلدا تۈركىيەنى دۇنياغا تونۇتقان، ئۇنى ئۆز رايونىنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىمۇ بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ رەھبەرىلىك رولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ساغلاملىقنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئامرېيېۋ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۆزئارا تېببىي ياردەم بېرىش، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق سەھنىلەردە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر