ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

1887448
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزوياننىڭ، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقى، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، 30 – سېنتەبىر كۈنى دۆلەتلىك ئەرمېنىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇ، ئۇچرىشىشتا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى تەييارلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر