ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى يارىلاندى

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ چېگرا لىنىيەسىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 3 ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلاندى.

1884012
ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە قىسىملىرى، 23 – سېنتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 19.30 دىن 23.40 كىچە بولغان ئارىلىقتا باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ ئۈستۈن سورچا ۋە جەرمۇك ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلارنى ئارىلاپ – ئارىلاپ ئوققا تۇتقان. بۇ جەرياندا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 3 ئەسكىرى يېنك يارىلانغان.

ئەزەربەيجان قىسىملىرىمۇ ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى، ۋەزىيەتنى قەستەن جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشكە ئئرۇنۇۋاتقان ئېرىۋان ھۆكۈمىتىگە ئائىت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر