ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوققا تۇتتى

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېگرادىكى ئەزەربەيجان ئىستىھكاملىرىغا ئوق چىقاردى

1883612
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە بولغان جەريانىدا توۋۇزقەلئە ۋىلايىتىنىڭ چىنارلىق، باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى شورجا، گۈنەشلى ۋە زەركەند ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى ئىستىھكاملىرىدىن توۋۇز ۋىلايىتىنىڭ كوخانەبى، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ كەشدەك ۋە بارگاھبىنە، داشكەسەن ۋىلايىتىنىڭ تەزكەند ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىستىھكاملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملارغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر