توكايېۋ دۇنيانىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، دۇنيانىڭ ئارىدىن ئىككى ئەۋلاد ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو قورالى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1882736
توكايېۋ دۇنيانىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 77- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىكى سۆزىدە، قازاقىستاننىڭ ئۆتمۈشتە يادرو سىنىقىنىڭ كۈلپىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تارتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز يادرو قۇدرىتىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رىقابەت ۋە باياناتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىكنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «دۇنيا ئارىدىن ئىككى ئەۋلاد ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو قورالى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

توكايېۋ، ب د ت نىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تىنچ ئۆتۈشى قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي پىرىنسىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قايتا قاراپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ ئۈچ پىرىنسىپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك. بۇ پىرىنسىپلارنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىش، قالغان ئىككىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. يەر شارى يادرو قورالسىزلاندۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئاجىزلىشىشى بۇ ئۈچ پىرىنسىپنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت توكايېۋ، ب د ت نىڭ قىممەت قاراش سىستېمىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈمىد چىرىغى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەرنى بۇ قىممەت قاراشنى قوغداشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر