قىرغىزىستان: چېگرادىكى ۋەقەلەر تاجىكستاننىڭ ئالدىن پىلانلىغان ھۇجۇمى

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىرغىزىستان زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تاجىكستاننىڭ قىرغىزىستانغا قارشى «ئالدىن پىلانلانغان قەستەن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1881608
قىرغىزىستان: چېگرادىكى ۋەقەلەر تاجىكستاننىڭ ئالدىن پىلانلىغان ھۇجۇمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «تاجىكستاننىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان ھەرىكەتلىرى» نەتىجىسىدە، بۈگۈننى (18-سېنتەبىر) قوشۇپ ھېسابلىغاندا قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا 46 قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 140 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تەخمىنەن 140 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە رايوندا زور ئىقتىسادىي زىياننىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، زېمىن پۈتۈنلۈكى، دۆلەت چېگرالىرىنىڭ مۇقەددەسلىكى، ئىختىلاپلارنى تىنچلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىش، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق ب د ت نىزامنامەسىدە بار بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا ئوخشاش خەلقئارالىق پىرىنسىپلارغا، تاجىكستاننىڭ ئېغىر شەكىلدە خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىلگىرى ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغان تاجىكستاننىڭ قانۇنسىز بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

باياناتتا، تاجىكستانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋە بىر پۈتۈن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ۋەزىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى مۇزاكىرە ئۈستىلىدە تىنچلىق ئۇسۇلدا ۋە سىياسىي ھەمدە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۆزگەرمەس مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر