ئەزەربەيجان شېھىتلەر سانىنىڭ 71 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئىغۋاگەرچىلىكى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 71 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىي تور بېكىتىدىكى شېھىتلەر تىزىملىكىنى يېڭىلىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ تىزىملىكتە ئەرمېنىيەنىڭ 12 - سېنتەبىردىكى ئىغۋاگەرچىلىكى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا شېھىت بولغان 71 ئەسكەرنىڭ ئىسمىغا ئورۇن بېرىلدى.
مىنىستىرلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتىدا 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 12-سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13-سېنتەبىر ئەتىگەندە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ داشكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زەنگىلان تەرەپلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ چېگرادىكى بەزى ئورۇنلىرىغا ھەر خىل تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقانىدى.
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، توقۇنۇشلاردا 105 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەزەربەيجان تەرەپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلاردا قازا قىلغان تەخمىنەن 100 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.