تۈركىيە: ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ئەنقەرەنىڭ ئەندىشىلىرىنى دەلىللەش خاراكتېرىگە ئىگە

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر دوكلاتىنىڭ ئەنقەرەنىڭ بۇ ھەقتە ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئەندىشىسىنى دەلىللەش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

1877633
تۈركىيە: ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ئەنقەرەنىڭ ئەندىشىلىرىنى دەلىللەش خاراكتېرىگە ئىگە
tanju bilgiç 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

بىلگىچ، دوكلاتتىكى دەلىل ئىسپاتلار ۋە كۆز قاراشلارنى نەزەرگە ئېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتى، رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دۆلىتىمىزدە ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئەندىشىلەرنى دەلىللەش خاراكتېرىگە ئىگە.»

ئۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلۈكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەم ياشىشى، ئاساسلىق ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىمىز ھەم خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە تەكىتلەنمەكتە.»

خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىلگىچ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «زىيارەتلەرنىڭ مەنىلىك، كەڭ دائىرىلىك ۋە توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا قارىتا تەلەپلىرىمىز قاندۇرۇلغان تەقدىردە، بۇ زىيارەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇۋاتقانلارغا قارشى ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان تەن جازالىرى، ناچار مۇئامىلە ۋە مەجبۇرىي تېببىي داۋالاش قاتارلىق ئىجرائاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك دوكلاتلارنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر