قازاقىستاندىكى ئورمان ئوت ئاپىتى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

قازاقىستاننىڭ كوستاناي ئۆلكىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئەتراپتىكى يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1875476
قازاقىستاندىكى ئورمان ئوت ئاپىتى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۆلكىدە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 38 گىرادۇسقا ئۆرلىگەنلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى، كۈچلۈك شامال بىلەن ئوتنىڭ تېز تارقىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستان جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرى يۇرىي ئىلليىن ئوت ئاپىتى رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئامانقاراغاي يېزىسى ئەتراپىدىكى نېفىت ئىسكىلاتىغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ۋە ھازىر  ئوتنى ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بۇ يۆنۈلۈشكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 23:00 ئەتراپىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئوت ئاپىتى ئەتراپىدىكى ئامانقاراغاي ۋە ئوزەرنو يېزا-كەنتلەرگىچە كېڭىيىپ، 9400 گېكتار يەرگە تارقالغان.

ئوت ئاپىتى رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردىن ھازىرغىچە 1841 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان.

ئۆلكىدىكى يوللار قىسمەن قاتناشقا تاقالغان ۋە رايونغا قوشنا ئۆلكىلەردىن ياردەم گۇرۇپپىلىرى ئەۋەتىلگەن.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ ھۆكۈمەتكە ئالدى بىلەن خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى رۇسلان جەلدىباي توكايېۋنىڭ ئوت ئاپىتى رايونىدا تەسىس قىلىنغان باش ئىشتابنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسلان جەلدىباي مەزكۇر ئۆلكىدە ئەتە (5-سېنتەبىر) توكايېۋنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قازاقىستان زىيالىيسى ئەخمەت بايتۇرسۇنالى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر