پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توقايېۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يېتىپ باردى.

1871636
پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توقايېۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ھەيدەر ئەلىيېۋ خەلقئارا ئايرودرومىدا ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ياقۇپ ئەييۇبوۋ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھالەف ھالەفوۋ ۋە باشقا ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

قاسىم جومەرت توقايېۋنىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، زىيارەت دائىرىسىدە سودا، ئىقتىساد، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىش شۇنداقلا ئەزەربەيجان بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر