ئەرمېنىيە  قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1863116
ئەرمېنىيە  قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان رايونلاردىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ، ئەتىگەن تەرەپلەردە لاچىن ۋىلايىتىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئانار قازىموۋ ئىسىملىك ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، شېھىت ئەسكەرنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، ھەمدە ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر