48 يىل ئىلگىرى تۈركىيە باشلىغان قىبرىس ھەرىكىتى تىنچلىقنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلدى؟

قىبرىس تىنچلىق ھەربىي ھەرىكىتى قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قېنىنى ئېقىتقان گىرېتسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچى مىللىتارسىتلارنى چېكىندۈردى.

1857460
48 يىل ئىلگىرى تۈركىيە باشلىغان قىبرىس ھەرىكىتى تىنچلىقنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەر يىلى 20-ئىيۇلنى تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەيدۇ. 20-ئىيۇل، تۈركىيە 1974-يىلى قىبرىس تۈرك خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن باشلىغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتنى باشلىغان كۈندۇر.

1974-يىلى 20-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى، قىبرىس تۈركلىرى كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلغان ۋە ئارالنىڭ ئىككى تەڭ باراۋەر ئىككى خەلقىدىن بىرى بولۇشتەك مۇستەقىللىقى قوغداپ، قىبرىسنىڭ گىرېتسىيەگە تەۋە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 48-يىللىقى.

قىبرىس جۇمھۇرىيىتى 1960-يىلى 16-ئاۋغۇست ئىككى تەڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە خەلق بولۇش ئاساسىدا قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيەتنى تۈركىيە ھەمدە قىبرىس تۈركلىرى قۇرۇلغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا قىزغىن قوللىدى. بىراق، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ماكارىيوس بۇنىڭ پەقەت گىرېتسىيە بىلەن بىرلىشىشكە قاراپ بېسىلغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەردى.

قىبرىس رۇم خەلقى 1963-يىلى 21-دېكابىر قىبرىس تۈركلىرىنى يوقىتىشنى ۋە پۈتكۈل ئارالنىڭ كونتروللۇقىنى 48 سائەت ئىچىدە قولغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغان ئاكرىتاس پىلانىنى باشلىدى. قىبرىس تۈركلىرى بولسا، زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسەتتى.

كاپالەتچى دۆلەت بولغان تۈركىيە، ب د ت نى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى 11 يىل بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇنىڭدىن نەتىجە چىقمىدى. قىبرىس رۇملىرى 1974-يىلى 15-ئىيۇل ئىككىنچى قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان «ئىفەستوس پىلانى» نى باشلىدى.

1974-يىلى 15-ئىيۇل گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان ھەربىي ھۆكۈمەت ماكارىيوسنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، تۈركىيە-گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى. مۇزاكىرەلەردىن نەتىجە چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈركىيە 20-ئىيۇل ئارالغا ئەسكەر چىقاردى ۋە ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى قايتىدىن ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

1974-يىلى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدە غازى بولغان يىلماز بورا ئانادولۇ ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ھەربىي ھەرىكەت باشلانمىغان بولسا، قىبرىس تۈركلىرى قىرغىن قىلىناتتى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ قوللىشى ئاستىدا مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز» دېدى.

ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ قەستەن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە تەقدىرىنى ئېنىقسىزلىققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇل ت ر ت ۋورلد قانلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارسىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى قىبرىس رۇملىرىنىڭ قىبرىس تۈركلىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «شېرىك بولۇش يولىنى سىناپ باقتۇق. نېمە ئۈچۈن بولمىدى؟ چۈنكى قىبرىس رۇملىرى قىبرىس تۈركلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلمىدى. شېرىكلىك ئاساسىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇش فورمۇلاسى سىناپ كۆرۈلدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىز بولدى. چۈنكى يەنە بىر شېرىك بۇ يولنى خالىمىدى» دېدى.

تۈركىيە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئارالدا ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئوخشاش ب د ت مۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى دەل مەسىلىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى تاللىغان. چۈنكى ب د ت تۈركىيەنىڭ 1974 يىلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى دەپ قاراش ئارقىلىق قىبرىس مەسىلىسىگە خاتا دىياگنوز قويغان.

مىنىستىرنىڭ قارىشىچە، ھەممە 1974 يىلى بىر قېتىملىق «تۈركىيە ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھەرىكەتنىڭ، قىبرىس رۇملىرىنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ سىياسىي ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ: «تۈركىيە ھەرگىزمۇ بۇ ئارالنىڭ بىر گىرېك ئارىلىغا ئايلىنىشىغا يول قويمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، ئارالنىڭ ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بويىچە ئوسمانلىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ ئارالغا ئاي شارىدىن كەلمىدۇق. ئەجدادلىرىمىز بۇ يەرگە ئانادولۇدىن كەلدى. بىز قىبرىس ئارىلىدا ياشايدىغان تۈركلەرمىز. قىبرىسلىق دەپ مىللەت يوق. قىبرىسلىق رۇم (گىرېك) ياكى قىبرىسلىق تۈرك بار ۋەياكى ئەرمەن ۋە مارۇنىلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر بار.»

«بىز سىرتقا چىقىشتىن قورقاتتۇق»

1974 - يىلدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرىدىن ئۆمەر ئۆزيىلدىرىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ياشىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزيىلدىرىم ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «رۇملار 1963 - يىلىدىن 1974 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەنتىمىزدىن كىشىلەرنى ئېلىپ كېتىپ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بىز سىرتقا چىقىشتىن قورقاتتۇق. ھەرىكەتتىن بۇرۇن بىز قوراللىرىمىزنى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا تاپشۇردۇق، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى قوراللىرىمىزنى گىرېتسىيە ساقچىلىرىغا بەردى.»

ئۆزيىلدىرىم يەنە، ئارالنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە، ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«مەن پەقەت تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئىشىنىمەن. تۈركىيە ئارمىيەسى ئارالدا تۇرۇشى كېرەك، ئۇلار كېتىپ قالسا، بىز تۈگىشىمىز.»

قىبرىس مەسىلىسى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە شەرقىي ئاقدېڭىز ئارىلىدا ياشايدىغان ئىككى پەرقلىق دىنىي ۋە ئېتنىك خەلق بولغان قىبرىسلىق تۈركلەر بىلەن قىبرىسلىق رۇملار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسىي توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ.

قىبرىس تۈركلىرى تالاش تارتىشلىق ئارالنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان سىياسىي چېگىشلىكتىن كېيىن، بىر دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئىشەنمەيدۇ. بىر دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى خەلق ۋە ئىككى رايوننىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى 1960 - يىلدىن بۇيان تېڭىپ كېلىۋاتقان سىياسىي فورمۇلانى كۆرسىتىدۇ.

قىبرىس ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر غازىسى بەسىم فارۇقجان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن قىبرىس مەسىلىسىنى فېدېراتسىيە شەكىلدە ھەل قىلىش چارىسىنى قوللىمايمەن. ئەگەر ئىككى خەلق بىرلىكتە ياشايدىغان ئىش بولسا، پاجىئە يۈز بېرىدۇ. قىبرىس تۈركلىرى بىلەن رۇملارنىڭ بىرلىكتە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز شىمالدا ياشايمىز، ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر