ئەردوغان ئىسكەچەنىڭ سايلانغان مۇپتىسى ئەھمەت مەتە ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسكەچەنىڭ سايلانغان مۇپتىسى ئەھمەت مەتە ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

1855261
ئەردوغان ئىسكەچەنىڭ سايلانغان مۇپتىسى ئەھمەت مەتە ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان تەزىيەنامىسىدا، «ئىسكەچەنىڭ سايلانغان مۇپتىسى ئەھمەت مەتە ئۇستازغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئائىلىسىگە، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىگە ۋە غەربىي تراكيادا ياشايدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسكەچەنىڭ سايلانغان مۇپتىسى ئەھمەت مەتەنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالى ئاتىكە مەتەگە ئايرىم تېلېفون قىلىپ ھال سورىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، مەرھۇم ئەھمەت مەتە ئۈچۈن ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇنداقلا غەربىي تراكيادىكى تۈركلەرگە سەبىر تىلىگەن.

غەربىي تىراكيا تۈركلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەت مەتەنىڭ ھاياتى بويىچە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، مەرھۇم ئەھمەت مەتەنىڭ ھەردائىم  خەيىرلىك دۇئالار بىلەن ئەسلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر