قازاقىستان ئاتالمىش دونېتسىكى ۋە لۇخانسكى خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئاتالمىش دونېتسىكى ۋە لۇخانسكى خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1845130
قازاقىستان ئاتالمىش دونېتسىكى ۋە لۇخانسكى خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ، 25- نۆۋەتلىك سان پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق يىغىنىغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.

توكايېۋ، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق بازىرىدا كېڭىيىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «راستىنى ئېيتقاندا، پايدىسى يوق ئمېبارگولارنىڭ ئورنىغا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاكتىپ ۋە جانلىق سودا سىياسىتىنى ياقلاش كېرەك. بۇ يەردە قازاقىستان تەڭپۇڭ بازار رولىنى ئوينىيالايدۇ» دېدى.

توكايېۋ مۇخبىرلارنىڭ <قازاقىستاننىڭ دونېتسىكى ۋە لۇخانسكىغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى> توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەقىقىي مەنىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا، نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ئورنىغا 600 دىن ئارتۇق دۆلەت بارلىققا كەلگەن بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇ بىر قالايمىقانچىلىق (بولىدۇ). شۇڭلاشقا، بىز تەيۋەن، كوسوۋو، جەنۇبىي ئوسېتىيە ياكى ئابخازىيەنى ئېتىراپ قىلمايمىز، بۇ يېرىم دۆلەت زېمىنلىرى بولغان دونېتسىكى ۋە لۇخانسكى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر