ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتلىرىغا ئوق چىقاردى
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگرا لىنىيەسىنىڭ كەلبەجەر ۋە توۋۇز ۋىلايەتلىرى يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
1836197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 31 – ماي كەچ تەرەپلەردىن 1 – ئىيۇن يېرىم كېچىگىچە توۋۇز ۋىلايىتىنىڭ ئاغدام، كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ زەيلىك يېزىلىرى يۆنىلىشىدە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنىڭ ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ ھۇجۇملارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.