تۈركىيە قاراتاغدا 1000 ئائىلىگە يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقىتىپ بەردى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA)  رامىزان پروگراممىلىرى دائىرىسىدە قاراتاغدا 1000 ئائىلىگە يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقىتىپ بەردى.

1819179
تۈركىيە قاراتاغدا 1000 ئائىلىگە يېمەكلىك پوسۇلكىسى تارقىتىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA)  نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رامىزان پروگراممىلىرى دائىرىسىدىكى يېمەكلىك پوسۇلكىلىرى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA)  ۋە قاراتاغ ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىدا تارقىتىپ  بېرىلگەن.

1000 يېمەكلىك پوسۇلكىسى پايتەخت پودگورىكا، گۇسېنجې  تۇزى ، ئۇلجىنج ، پلجېۋلجا ، روزاجې ۋە بىجېلو پولجې قاتارلىق جايلاردىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر