ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە بىرلەشمە كومىتېتى يېغىنى چاقىرىلىدۇ
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرلەشمە كومىتېت يېغىنى چاقىرىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى مىنىستىر سۆھبىتىدە، رەھبەرلەر سەۋىيىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
مىنىستىرلار چېگرا سىزىقلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلۇشى پىلانلانغان كومىتېتنىڭ قاتناشقۇچى پارامېتىرلىرى توغرىسىدا پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلغان.
مىنىستىرلار بىرلەشمە چېگرا كومىتېتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان گۇرۇپپىنىڭ پات يېقىندا بىر يەرگە جەم بولىشىنى قارار قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.