ئەزەربەيجان بايدىننىڭ 1915-يىلى ۋەقەلىرىگە دائىر بىلجىرلاشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ 1915-يىلى ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزىلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1817574
ئەزەربەيجان بايدىننىڭ 1915-يىلى ۋەقەلىرىگە دائىر بىلجىرلاشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بايدىننىڭ سۆزلىرىدە 1915-يىلى ۋەقەلىرىگە ئائىت پاكىتلارنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇرمىلانغانلىقى ۋە بۇنىڭ بايدىننىڭ بىتەلەيلىكى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   

باياناتتا، «بىر ئەسىر ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بۇرمىلاش ۋە ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىغا ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەرگىمۇ زىت. 1915-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى سىياسەتچىلەر ئەمەس، تارىخچىلار تەكشۈرۈشى كېرەك. تارىخنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنى سىياسىي بېسىم ئۈچۈن پايدىلىنىشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر