ئەزەربەيجان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئەزەربەيجان مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزەربەيجان كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇش تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
1812317
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزەربەيجان كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇش تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
قارار بويىچە، ئەتە (2022-يىلى 15-ئاپرېل) دىن باشلاپ ئەزەربەيجانغا كەلگەن يولۇچىلاردىن ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
قارارغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدە ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان يولۇچىلار ۋە پايتەخت باكۇدىن ئىران ئارقىلىق ناھچىۋانغا بارىدىغان يولۇچىلاردىنمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.