تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ئەردوغاندىن ھال سورىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ كوۋىد-19 سىنىقى مۇسبەت چىققاندىن كېيىن، دۇنيا رەھبەرلىرىدىن ھال سوراش ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلمەي كەلمەكتە.

1774375
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ئەردوغاندىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئايالىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

تۈركمەنىستاننىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، قۇربانگۇلىبەردىمۇھەممەدوۋ ئەردوغاندىن ھال سوراپ، ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.

قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يوللىغان ئۇچۇرىدا: «قەدىرلىك قېرىندىشىم، سىزنىڭ ۋە ئايالىڭىزنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. كۈچ-قۇۋۋىتىڭىز ۋە كۈچلۈك ئىرادىڭىز بىلەن، بۇ كېسەلنى بالدۇرراق يىڭىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر