توقايېۋ قازاقىستان خەلقىگە خىتاب قىلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پايتەخت نۇرسۇلتاندا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1757980
توقايېۋ قازاقىستان خەلقىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پايتەخت نۇرسۇلتاندا بولىمەن. خەلقنى قوللاش مېنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپەم. قازاقىستان تارىخىدىكى بۇ زۇلمەتلىك مەزگىلدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىمىز، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۈچلىنىپ چىقىمىز» دېدى.

ئۇ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا خەلققە خىتاب قىلىپ، نامايىشلاردا كىشىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئارىسىدا جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ،نامايىشچىلارنىڭ «قاراقچىلاردىن تەشكىللەنگەنلىكى» بىلدۈردى.

ئۇ نامايىشچىلارنىڭ ئەسكەرلەرنى ئۇرغانلىقىنى، ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىپ، دۇكانلارنى بۇلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھازىرقى ئەھۋالنىڭ ئالمۇتا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقا شەھەرلەردىمۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوخشاشلىقىنى، بۇنىڭغا سەۋر قىلالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ سەۋەبتىن جىددىي ئەھۋال ئېلان قىىلنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «جىددىي ئەھۋال زۆرۈر تەدبىر. پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە تىنچلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا مەجبۇرمەن» دېدى.

ئۇ: «پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۈگۈندىن باشلاپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش نىيىتىم بار. بۇ مەسىلە ماڭا ئىلتىماس قىلغان، جېنىنى ۋە ئائىلىلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يەنە كېلىپ، بۇ مەسىلە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ئۇ خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پايتەخت نۇرسۇلتاندا بولىمەن. خەلقنى قوللاش مېنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپەم. قازاقىستان تارىخىدىكى بۇ زۇلمەتلىك مەزگىلدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىمىز، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۈچلىنىپ چىقىمىز.»

ئۇ پات ئارىدا سىياسىي ئىسلاھاتقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باياناتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلاھاتقا مۇناسىۋەتلىك مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

قازاقىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان. ئالمۇتادا ۋالىي مەھكىمە بىناسىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەت، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بىنالىرىنى ئىگەللىۋالغان نامايىشچىلار، 120 ئەتراپىدىكى دۇكان، 100 ئەتراپىدا ئىشخانا ۋە تەخمىنەن 200 رېستوران ھەمدە قەھۋەخانىلارنى بۇلىغان.

ئالمۇتا بىلەن ئاقتاۋدا ئايروپىلان سەپەرلىرى توختىتىلدى. پايتەخت نۇرسۇلتاندىمۇ ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار (2022) سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتىكى ئىجتى،ائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ باشلانغان نامايىشلار، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

كوچىلاردىكى نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارنى ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقاتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارتلىغان نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ بەزى رايونلارغا كېڭىيىشى بىلەن، پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر