سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە سودا مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جاباروۋ ۋە گىرۇزىيە ئىقتىساد ۋە سىجىل تەرەققىيات مىنىستىرى ناتيا تۇرناۋا بىلەن ئايرىم -ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

1747688
سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە سودا مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Natia Turnava-Mehmet Mus.jpg
Mikayil Cabbarov-Mehmet Mus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمەت مۇش ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە 6-نۆۋەتلىك سودا مۇنبىرى يىغىنىدىن كېيىن، مىكايىل جاباروۋنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

مىنىستىر مەھمەت مۇش ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا، ئۇچرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەۋزەل سودا كېلىشىملىرى، مەبلەغ سېلىش، ھۆددىگەرلىك كەسپى ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مەھمەت مۇش ئاندىن گىرۇزىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە سىجىل تەرەققىيات مىنىستىرى تۇرناۋا بىلەن كۆرۈشتى.

مەھمەت مۇش ئۇچرىشىشقا ئالاقىدار تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا: «ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت سودىسى، باكۇ-تىبلىس-قارس تۆمۈر يولى ھەمكارلىقى ۋە تاموژنا مەسىلىسى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر