قازاقىستان مىللەت كۇتۇپخانىسىغا كىتاب تەقدىم قىلدى

قازاقىستان 200 دىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسەرنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ مىللەت كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلدى. بۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى جۆمەرت توقايېۋنىڭ ئەسىرىمۇ بار.

1747536
قازاقىستان مىللەت كۇتۇپخانىسىغا كىتاب تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30-يىللىقى دائىرىسىدە، قازاقىستاندىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىكى مەھكىمىسىنڭ مىللەت كۇتۇپخانىسىغا 200 دىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسەرنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابزال سەپەربەقۇلى، قازاقىستان مىللىي ئاكادېمىك كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى ئۇمۇتقان مۇنالبائېۋا ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى كۇتۇپخانىلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئايخان تۇغلۇ ھەمدە نۇرغۇن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.

قازاقىستان باش ئەلچىسى ئابزال سەپەربەقۇلى مۇراسىمدا: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مىللەت كۇتۇپخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان كىتابلارنىڭ قازاقىستان ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي، شۇنداقلا ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە، قازاق ۋە تۈرك ىەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

قازاقىستان مىللىي ئاكادېمىك كۇتۇپخانا باشلىقى ئۇمۇتقان مۇنالبائېۋا، مەزكۇر كىتابلارنى تۈركىيەگە تەقدىم قىلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مەقسىتىمىز ۋە ئۈمىدىمىز، تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلماستىن، قېرىنداش تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى مەڭگۈلۈك بولسۇن»  دېدى.

رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، كىتابلار تەقدىم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر