ئەزەربەيجاندا مىنا پارتىلاپ 2 ئىشچى قازا قىلدى

ئەزەربەيجاننىڭ شۇشا رايونىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 2 قۇرۇلۇش ئىشچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1745302
ئەزەربەيجاندا مىنا پارتىلاپ 2 ئىشچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشىدىن كېيىن،  شۇشا رايونىدا قۇرۇلۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىشچىلىرى ئورھان ھاناتوۋ ۋە ۋۇسال بېندېليېۋ بولۇپ، مەھكىمە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزغان.

ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان 2020 – يىلى 10 – نويابىردىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە كۆمۈپ قويۇلغان مىنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 سى ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 36 ئەزەربەيجانلىق قازا قىلغان، 109 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 153 كىشى يارىلانغان.

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدىمۇ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولغانىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چېگرا لىنىيەسىنىڭ كەلبەجەر رايونىدا، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇمدا بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە، ھۇجۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر