ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە پۈتۈشتى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك بىر كومىتېت قۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1739568
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما باياننامە ئېلان قىلىندى.

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەلىرىدە مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامەدە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ، چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك بىر كومىتېت قۇرۇش يولىدا قەدەم تاشلاش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەرەپلەر تەلەپ قىلغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياننامەدە، رۇسىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى، ئۆزئارا ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، قاراباغنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى، رەھبەرلەرنىڭ مەسىلىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى  تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، بىز مۇھىم دەپ قارىغان بەزى مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. بۇ نۇقتىلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بېكىتىپ چىقىلىشى ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مېخانىزملارنىڭ ئورنىتىلىشى، ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى، بولۇپمۇ ھەم تۆمۈر يوللىرى ھەم قۇرۇقلۇق يوللىرى ئاقالىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە قاتناش كارىدورلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشى، ئۈچىنچىسى، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولۇپ، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى.»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ مۇنداق دېدى: «بىز ئەزەربەيجان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تەييارمىز، بۇ فورماتسىيەدىمۇ نىشانلىرىمىزغا يېتەلەيمىز، دەپ ئويلايمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رۇسىيە ئەزەربەيجاننىڭ دوستىدۇر، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىدۇر، ھەتتا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھتىنمۇ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدۇر. رۇسىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ مۇناسىۋەتلىرى ئەرمېنىيە بىلەن بولغان ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىمۇ بىر چىقىش يولى تېپىشىمىزنى قوللايلاشتۇرماقتا، ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم نەتىجىلىرى بولىدۇ، رايوننىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ تىنچ ۋە ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، كۈنتەرتىپتىكى بارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئوچۇق – ئاشكارا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، بەزى مەسىلىلەردە، تەخمىن قىلغىنىمىزدەك چوڭقۇر پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردۇق، قاراباغدا ئىقتىسادىي ۋە قاتناش ئالاقىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق كۆز قاراشقا ئىگىمىز، ئەرمېنىيە ۋە ئەرمېنىيە خەلقى تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمىتىمىزنىڭ، زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق تىنچلىق دەۋرىنى باشلىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر